August 02, 2008

تۆت كۆزلۈك ئايال

كىشىلەر تانزانىيىنىڭ ھېموگىن دېگەن يېرىدە ئۈچ غەلىتە ئايالنى ئۇچراتقان. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش سىممېترىك ھالدا ئوڭ ۋە سول تەرەپكە جايلاشقان بولماستىن، بەلكى يۇقىرى-تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقانىكەن.1966-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يۇدا ۋە سگې ئىسىملىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، يۇدا تېيىلىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن. ئۇلار ئالمان-تالمان يامغۇردىن دالدا بولغۇدەك جاي ئىزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەر ناتۇنۇش بولغانلىقى ھەم يېقىن ئەتراپتا ئۆي بولمىغانلىقى ئۈچۈن گاڭگىراپ قالغان.ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، كۆز ئالدىدا تۇرۇقى قورقۇنچلىق، كۆزلىرى يۇقىرى-تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقان بىر ئايال پەيدا بولغان. ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئۇلارغا ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئېيتقان. تىترەك ئولاشقان بۇ ئاشىق-مەشۇقلار قارشىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئۆڭكۈرگە بارغان.ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپلا يەنە تۇرقى ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئايالنى كۆرگەن. بۇ ئاياللار يۇداغا خاتىرجەم دەم ئېلىشنى ئېيتقاچ، سگېغا: «قورقۇپ كەتمەڭلار، بىز سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، بىز ئاچا-سېڭىللار بولىمىز، يېقىندا قازا قىلغان ئاتا-ئانىمىزنىڭ تەقى-تۇرقىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بىز نورمال ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيمىز» دېگەن.كېيىن يۇدانىڭ كېسىلى ساقىيىپ ئۆڭكۈردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلار ئۈچ ئاچا-سىڭىلغا چەكسىز تەشەككۇر ئېيتقان. مەنبەسى:http://www.basbas.cn/bbs/read.php?tid-5079.html
تولۇق ئوقۇش

August 01, 2008

ئاقسۇ دىيارىمىزدا كۈن تۈتۇلدى

2008-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) رايۇنىمىز-ئاقسۇ شەھرىنىڭ 50 كىلومېتىر كىلىدىغان يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:04 (شىنجاڭ ۋاقتى) ئۆتكەندە كۈن يېرىم ئاي شەكلىدە [solar eclipse ] تۇتۇلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا مەكتىپىمىزدىكى 8 ئوقۇتقۇچى بىر تال كۆزەينەكنى تەڭ تالىشىپ تۇرۇپ بۇ ھادىسىگە ئىشتىراك قىلدۇق. بۇ مەن چوڭ بولغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھادىسە.
ھېچ ئامال قىلالماي، ئاخىرى شام ئارقىلىق ئەينەكنى ئىسلاپ تۇرۇپ ئاخىرى Sony ماركىلىق رەقەملىك ئاپپاراتتا رەسىمگە تارتىۋالدۇق. كۈن تۇتۇلۇش تەخمىنەن 25~30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا داۋاملاشتى.
كۈن تۇتۇلغاندا [solar eclipse ]كۈننىڭ تۇتۇلۇش قىسمى ئاۋال قۇياشنىڭ ئوڭ تەرەپ يوقىرى بۇرجىكىدىن باشلىنىپ، بارا-بارا سول تەرەپ ئاستىنقى تەرەپكە ئۆتتى. كۈن تۇتۇلغاندا ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق، ئەمما خۇددى قۇياشنى قېلىن بۇلۇت توسۇۋالغاندەك بىر خىل ھالەت يۈز بەردى. مەكتەپتىكى نەچچىلىگەن ئوقۇتقۇچىلار، يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مەنزىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق.
رەسىملىرىنى يوللاپ قويماقچى ئىدىم. ئەپسۇس ئاپپاراتنىڭ سىمى بولمىغاچ مۇمكىن بولمىدى، يەكشەنبە كۈنى چوقۇم يوللاپ قويىمەن. ئەپۇ قىلغايسىزلەر.
تولۇق ئوقۇش

July 31, 2008

ئاجايىپ كۈتۈپخانىلار

ئۇچقۇر كۇتۇپخانا ئامېرىكىدىكى ئالياسكا شتاتىنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز، قاتنىشى قۇلايسىز، ئەمما بۇ شتاتتا كىتاب ئوقۇش ئىنتايىن قۇلايلىق. كۇتۇپخانا ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن كىتاب ئارىيەت ئېلىش تالونىغا ئاساسەن كىتابنى ئايروپىلان بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مىكرو كۇتۇپخانا ئامېرىكىدىكى بىر مىكرو كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، بارلىق كىتابلارنى بىر نەچچە چامادانغا قاچىلاپ ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ. پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسى ئەنگلىيىدىكى بىر پوچتا ماركىسى كۇتۇپخانىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشمىغان دەۋرلەردە تارقىتىلغان پوچتا ماركىسىدىن 6 مىليوندىن كۆپرەكى ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا پوچتا ماركىسى يىغىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. پويىز كۇتۇپخانىسى ئاۋسترىيە پايتەختىدىن گوللاندىيە پايتەختىگە بارىدىغان تۆمۈريول لىنىيىسىدە يولۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن پويىزدا مەخسۇس كۇتۇپخانا تەسىس قىلغان. ئايلىق بېلىتى بار يولۇچىلار بۇ كۇتۇپخانىدا ھەقسىز كىتاب ئوقۇيالايدۇ. كۇتۇپخانىدا نۇرغۇن كىتاب ساقلانغان بولۇپ، يولۇچىلار مەنزىلگە بارغىچە كىتابنى كۆرۈپ بولالمىسا، ئارىيەت ئېلىش ۋاقتىنى يەنە تۆت ھەپتە ئۇزارتسا بولىدۇ. ھاراققا دائىر كىتابلار ساقلىنىدىغان كۇتۇپخانا ياپونىيىنىڭ خۇاڭبىن دېگەن يېرىدىكى مەخسۇس ھاراققا ئائىت كىتابلار ساقلىنىدىغان كۇتۇپخانىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ھاراقلىرى، شۇنداقلا ھاراققا ئائىت كىتابلار ساقلىنىدۇ.
تولۇق ئوقۇش

June 10, 2008

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مۇنداق دەيدىكەن

پېقىر بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە ئانچە-مۇنچە دىققەت قىلىپ قويىمەن. تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى مەن بىر ئۇيغۇر مىليۇنېرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ، ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ كەتكەن. دوستلارنىڭ چوقۇم نەپ ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارغا مۇنداق دەيدىكەن:1. كەچۈرۈڭ، ئەپۇ قىلىڭ.2. مەن خاتا قىپتىمەن، كېيىنكى قېتىم ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايدۇ. 3. سىز ناھايتى ئىقتىدارلىق.4. سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.5. سىز مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم.6. مەن سىزنى سۆيىمەن.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىگە مۇنداق دەيدىكەن:1. مەن ئۆزەمنى ئۆزگەرتەلەيمەن.2. مەن ھەر قانداق ئىشنى قىلالايمەن (مەڭگۈ ئۆلمەسلىكتىن باشقىنى)3. مەن ناھايتى ئىقتىدارلىق.4. ئۇلۇغ ئاللاھ نىسىپلا قىلسا، مەن كۆزلىگەن نىشانىمغا يېتەلەيمەن.5. مەن ئاداققىچە نىشانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن. 6. مەن دۇنيادىكى ئەڭ خوشال ۋە ئەڭ بەختلىك ( تەلەيلىك ) ئادەم.
تولۇق ئوقۇش

May 28, 2008

ۋاقىتنى ئۈنۈمۈلۈك باشقۇرۇشنىڭ 10 موھىم ھالقىسى

ھەرىكەت نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداقلا مەن شەخسەن شۇنداق قارايمەنكى: بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
ھەممە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ جاھاندا، ۋاقتىنى ياخشى باشقۇرالايدىغانلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى "بەك ئالدىراش" دىگەندىن ئىبارەت. ئەمما بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈمسىز ئالدىراشلىق بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغان ئالدىراشلىقتىن ئىبارەت.
ۋاقىتنى تېزگىنلەش-باشقۇرۇشتىكى مەقسەت كۆزلىگەن نىشانغا يىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا شۇنداق قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، بىرەر ئىش باشلانمىسىدىلا نىشانلىق، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋاقىت جەھەتتىكى ئۈنۈم نۆلگە تەڭ.
مۇۋەپپەقىيەتنى كۈندە %1 ئالغا ئىلگىرلەش دىسەكمۇ بولىدۇ. ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئۆگەنسەك، ئازىراق ھەرىكەت قىلىپ قويساق، پىلانلىغان ئىشلىرىمىز بارغانسىرى كونكىرىتلاشسا، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرساق كۈندە ئاز بولسمۇ ئىشلىرىمىز ئالغا باسسا ھامان بىر كۈنى كۆزلىگەن ئىشىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.
ۋاقىت-ھايات. دىمەك ۋاقتنى قەدىرلەش- ھاياتنى قەدىرلەش دىمەكتۇر.
بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئۇنىڭ 24 سائەت ئىچىدە نېمە ئىش قىلغانلىقىدىن بەلگىلىنىدۇ. ۋاقىتنى باشقۇرۇشنىڭ موھىم نوقتىسى-ۋاقتىنى مىنۇت-سىكونتقىچە كىشىگە نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايتى زور ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.
تۆۋەندە باشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسولى جەھەتتە ئورتاقلىشىمىز:
1. ھالقا: ئېنىق نىشان بولۇش كېرەك
تۆۋەندە بارلىق دوستلاردىن بىر دانە قەلەم ۋە بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ نىشانىنى ئېنىق يېزىپ چىقىش تەكلىپى بېرىمىز.
ئەگەر سىزنىڭ ئېنىق نىشانىڭىز بولمىسا، ئۇ ھالدا "ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمەن" دەپ ئاۋارە بوپ يۈرمەڭ.
ۋاقتىمىزنى باشقۇرۇشتىكى مۇددىئا- ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىز يەنىمۇ يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېىتىشتىن ئىبارەت. بىز دائىم دەپ كېلىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەتتە نىشان دىمەكتۇر. ئەگەر سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە نىشانىڭىزنى كونكىرىتلاشتۇرالىسىڭىز، ئۇ ھالدا مەن تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇل بىلەن ۋاقتىڭىزنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرالايسىز.
2. ھالقا: سىزنىڭ چوقۇم بىر "شەخسىي تىزىملىك" ىڭىز بولۇشى كېرەك
يەنى سىز ئۇنىڭغا سىز مۇشۇ يىل ئىچىدە يەتمەكچى بولغان ھەر بىر ئىشىڭىزنى ئېنىق يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك. سىز ھازىلا قولىڭىزغا قەغەز ۋە قەلەم ئېلىپ مۇشۇ يىل ئىچىدە تاماملىماقچى بولغان، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن ھەر بىر ئىشىڭىزنى خاتىرلەپ چىقىڭ.
سىز بۇ "تىزىملىك" نى تۇرغۇزىۋالغاندىن كېيىن، نىشانىڭىزنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىڭ. يەنى، مەن ماۋۇ پىلانىمغا بىر يىل ئىچىدە يېىتىش ئۈچۈن يېرىم يىل ئىچىدە نېمىلەرنى قىلىمەن؟ بىر پەسىلدىچۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟ دىگەندەك تەرەپلەرنى تولۇق تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئايلىق پىلاننىمۇ مۇشۇ بويىچە تۇرغۇزۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ "تىزىملىك" ىڭىز يوق دەيلى، سىز ئەڭ بولمىغاندىمۇ چوقۇم ئايلىق پىلان تۈزۈشىڭىز كېرەك. "يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېىش سەھەردىن" دەيدىغان گەپ بار. سىز "ئەتىنىڭ ئىشى ئەتە سەھەردە" دەپ ئولتۇرماي، ھازىلا ( يەنى بۈگۈن كەچتىلا) ئەتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى پىلانغا ئېلىڭ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى: سىزنىڭ مەڭگۈ ھەربىر ئىشنى قىلىشقا ۋاقتىڭىز يوق، ئەمما سىز چوقۇم قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىشقا مەڭگۈ ( سىز بۇ جاھادىن خوشلاشقۇچە) ۋاقتىڭىز بار.
پىلاننى ئېلىپ بولدىڭىز، ئەمدى ئۇنى تەرتىپلەپ چىقىڭ، يەنى ئالدى بىلەن نېمىنى قىلىسىز، كېيىن نىمىنى قىلىسز، زادى قاچانغىچە قايسى ئىشنى قىلىسىز، دىگەندەك. بۇ يەردە چوقۇم ھەر بىر پىلاننىڭ ئاخىرقى چېكىنى بەلگىلەڭ، مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا سىز مۇۋەپپەقىيەتكە دادىل-ئوڭۇشلۇق قەدەم ئالالايسىز.
3. ھالقا: كۆپچىلىككە تونۇش بولغان 20 ۋە 80 قانۇن (بۇ ھەقتە ئايرىم يازما تەييارلىنىدۇ)
سىز ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمەن دەيدىكەنسىز، سىز ئۈچۈن زادى قايسى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىسىز.
مەن ئەتە قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىمنى تەپسىلىي تىزىملاپ، ئۇنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ چىقىمەن، مۇشۇنداق قىلالىساملا مەن ئەتىكى ۋاقتىمدىن %100 تولۇق پايدىلىنالايمەن.
تەكىتلەشكە تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا: كۆرۈش سىزىمىدىكى سېھرىي كۈچ. ئومۇمەن ۋاقتنى ياخشى باشقۇرماسلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى سۆرەلمىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. سىز "دەرھال ھەرىكەتلىنىش" ىڭىز ئۈچۈن ئالغان شۇ پىلانىڭىزنى كۆزىڭىز چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويسىڭىز، كۆرۈش سىزىمىڭىزنىڭ غىدىقلىنىشى تۈپەيلىدىن مېڭىڭىزدە بىر خىل ئاكتىپ ئاكتىپ ھەرىكەت تەرتىپى شەكىللىنىپ، سىزنى بىرەر ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا سىز چوقۇم ئىش ئۈستىلىڭىزگە "دەرھال ھەرىكەت قىل" دىگەن ئۈچ سۆزنى چاپلاپ قويۇڭ.
ۋاقىتنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم پىلان كونكىرىت بولۇش كېرەك، پىلان قانچە كونكرىت بولسا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ.
4. ھالقا: ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە "تاشقى تەسىرلەدىن خالىي" ۋاقتىڭىز بولسۇن
ئەگەر سىز كۈندە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ سىرتقى ھەر قانداق تەسىرلەردىن خالىي ھالدا ئۆزىڭىنىڭ ئايرىم خانىسىدە بەزى ئىشلارنى تەپەككۈر قىلغاچ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلالىسىڭىز، ئېھتىمال بۇنىڭ ئۈنۈمى سىزنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ئۈنۈمىڭىزدىن يوقىرى بولۇشى، ھەتتا ئۈچ كۈنلۈك خىزمەت ئۈنۈمىڭىزدىنمۇ يوقىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قەتئىي ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى: ھەر كۈنى ئەڭ بولمىغاندىمۇ 30 مىنۇت، مۇمكىن بولغىنىدا 60 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەر قانداق ئىشىڭىزنى قويۇپ ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە ئاجرىتىڭ.
ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، مېڭىڭىزنى تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا تىنچلاندۇرالايسىز، كەيپىياتمۇ مۇقىملىشىدۇ. ئەگەر ئاجراتقان ۋاقتىڭىز 30 مىنۇت بولسا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتمەك تەس. شۇڭا كۈندە 1 سائەت ۋاقىت ئاجرىتىش ئەڭ ئاقىلانە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
بۇنىڭغا ئاجرىتىدىغان ۋاقتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەھەر سائەت 5:00 ~6:00 گىچە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇ زېھنىڭىزنىڭ ئەڭ سەگەك ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا سىز مېڭىڭىزنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر بۇنى قىلىشقا ئىمكان بولمىسا، چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقىت ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00~4:00 بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما مەن بۇ ئىشنى ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قىلىمەن.
5. ھالقا: سىزنىڭ نىشانىڭىز بىلەن سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز چوقۇم بىر-بىرىگە ماس كەلسۇن، زىددىيەتلىك بوپ قالمىسۇن
سىز ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت قارىشى تىكلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغىنىدا، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ موھىم ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە بايقىۋالالمايسىز. قىممەت قارىشىڭىز ئېنىق بولمىغىنىدا ۋاقتىنى ياخشى تەقسىملىيەلمەيسىز. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ساغلاملىقمۇ، كەسپمۇ، ئائىلمۇ، دوستلارمۇ.... ۋە ياكى باشقىسىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت قارىشى بەلگىلىۋېلىشىڭىز، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ماسلاشتۇرىشىڭىز كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى: "ۋاقىتنى باشقۇرۇش" نىڭ موھىم نوقتىسى ۋاقىتنى باشقۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى بەلكى ۋاقىتنى قانداق تەقسىم قىلىشتا.

6. ھالقا: ھەر كۈنى بىر سائەت جىمجىت ئولتۇرۇڭ
بىر دانە ئۇرۇندۇق تېپىپ، ھەر قانداق تاشقى تەسىرلەر، مەسىلەن، مۇزىكا، شاۋقۇن... نى قۇبۇل قىلمىغان ئاساستا ئۇنىڭدا جىمجىت ئولتۇرۇڭ. ئەلۋەتتە دەسلەپتە باشلىغاندا كۆنمەك تەسراق، ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە تىپتىنچ ئولتۇرۇشنى ئەسكەرتكەچ بىر سائەت جىمجىت ئولتۇرۇپ بېقىڭ. ھەركۈنى مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى چوقۇم يوقىرى كۆتىرەلەيسىز.

7.ھالقا: ھەر قانداق ئىشىڭىزنى باشلىنىشىدىنلا ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ مېڭىڭ
ھەر قانداق ئىشنى باشلىنىشىدىنلا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ياخشى قىلىپ مېڭىڭ. شۇنداق قىلغاندىلا سىز بىر ئىشنى تەكرار قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنالايسىز.

8. تېلېفۇندا سۆزلىشىش ۋاقتىڭىزنى مۇتلەق كونترول قىلىڭ
سىز بىرسى بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشمەكچى ياكى گەپ قالدۇرۇپ قويماقچى بولسىڭىز، قايسى ۋاقىتنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك. قارشى تەرەپ يوق بولۇپ قېلىش سەۋەپلىك ئىشىڭىز ئاقساپ قالمىسۇن. يەنى بارلىق ئالاقىلىشىش ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق بىر پەيتكە يىغىپ، ئۇلار بىلەن سۆلىشىپ چىقىڭ.

9. ھالقا: ئوخشاش ئىشنى چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا پۈتتۈرىۋېتىڭ
ئوخشاش تۈردىكى ئىشلارنى تەكرا قىلىۋەرسىڭىز، سىزمۇ بۇ ئىشقا بارغانسىرى ئۇستا بوپ قالىسىز، ئۈنۈمىمۇ ناھايتى ياخشى بولىدۇ.

10.ھالقا: "ۋاقىت خاتىرىسى" تۇتۇڭ
قانداق ئىشلارنى قىلدىم، نېمىلەرنى قىلدىم دىگەندەك ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ھەر كۈنى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭسىىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلارنى ئىسراپ قىلىۋاتكەنلىكىڭىزنى بايقىيالايسىز ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا مەلۇم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تەدبىر قوللىنالايسىز.

كېيىنكى قېتىم يوللىنىدىغان يازما: ۋاقتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشتىكى تۆت مەخپىيەت
شۇڭا "بوغلان بلوگى" غا يېقىندىن دىققەت قىلغايىسز، نادىر يازمىلار بۇ يەردە
تولۇق ئوقۇش

May 16, 2008

ئەپلاتوننىڭ ئۇرۇندۇق سۈرتۈشى

Toluq TekstiDawami

ئەپلاتون ياش ۋاقتىدىلا ناھايتى زور نەتىجە قازانغان، ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ناھايتى نەپىس بىر ئۇرۇندۇق سوۋغا قىلىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بىر مۇنچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمغانغا كېلىپ، ھېلىقى نەپىس ئۇرۇندۇققا كۆزى چۈشىدۇ. ئۇرۇندۇقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئارىدىن بىر ئادەم ئۇرۇندۇققا چىقىپ، تەلۋىلەرچە دەسسەپ:«بۇ ئۇرۇندۇق ئەپلاتوننىڭ مەغرۇرلۇق ۋە شۆھرەتپەرەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى شۆھرەتپەرەسلىكنى چەيلىۋەتمەكچى!» دەيدۇ.
كۆپچىلىك بىلەن ئەپلاتون بۇنىڭغا ھەيران قېلىشىدۇ. كېيىن ئەپلاتون ناھايتى سالماقلىق بىلەن ئىچكىركى ئۆيدىن بىر سۈرتكۈنى ئېلىپ چىقىپ، دەسسەپ مەينەت قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇندۇقنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ، ھېلىقى ھاياجىنىنى باسالماي ئۇرۇندۇققا دەسسىگەن مېھماننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە چوڭقۇر مەنىدە :« سىزنىڭ قەلبىمدىكى شۆھرەتپەرەسلىكىمنى دەسسىۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئەمدى مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ھەسەتخورلۇقنى سۈرتىۋەتتىم. سىز ئولتۇرۇپ خاتىرجەم ھالدا كۆپچىلىك بىلەن چاي ئىچىپ، مۇڭداشسىڭىز بولارمۇ؟ » دەيدۇ.
«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
تولۇق ئوقۇش

April 27, 2008

شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟

ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدۇر. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان خىزمەت جەھەتتىكى ئىستىقبالنىڭ قاراڭغۇلۇقى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە كىتاب ئوقۇماسلىقىغىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، خىزمەت بولغاندا قانداقراق خىزمەتنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تالانت - قابىلىيىتى، ئوقۇغان مەكتىپى، ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى قاتارلىقلار بىلەن دېگەندەك ئوڭ تاناسىپ بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياشلار مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەر خىل سوئاللار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوئاللارغا جاۋاب چىقمايۋاتىدۇ. ئۇ سوئاللارنى كىمدىن سوراپ، نەدىن جاۋاب تېپىشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن نۇرغۇن قېتىم ئۆزۈمنى ئاشۇ ياشلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن «ئەگەر مەن ئاشۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، قانداق قىلاتتىم؟»، «ئاشۇنداق بىر شارائىتتا مەن نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولاتتىم؟» دەپ سوراپ باقتىم. ئادەم قانچە كۆپ ئىشنى بىلسە، قانچە كەڭ بىلىمگە ئىگە بولسا، ئۆزى باسىدىغان كېيىنكى بىر قەدەم توغرىسىدا شۇنچە توغرا قارار چىقىرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز چوقۇم پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىمكان قەدەر كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ. ئادەمنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولغاندا، روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، ئۆگىنىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشىشى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. لېكىن، يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر پاكىتنى بىلىدۇ: مەيلى كەلگۈسىدىكى ئىشلار قانداق بولۇپ كەتسۇن، جاھان قايسى تەرەپكە ئۆزگەرسۇن، ئۆزىمىز يەر شارىنىڭ قايسى بىر قىسمىدا ياشايلى، بىلىم چوقۇم ئەسقاتىدۇ. ئۆگىنىش قىلماي زايە قىلغان ۋاقىتنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىز ئۈچۈن ئۆگىنىش ھەر ۋاقىت 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئىش بولۇشى كېرەك. ئىنگلىز تىلىدىكى كىشىلەرنىڭ بۆرە بىلەن ئىت توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايىسى بار. بىر بۆرە بىر كۈن يېمەكلىك ئىزدەپ ھېچنېمە تاپالماي، قورسىقى ئاچ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى توق بىر ئىتقا ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە ئىتتىن ئۇنداق يېمەكلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئىت: «ھېچ قانچە ئىش قىلمايمەن. پەقەت غوجامنىڭ ئۆيى بىلەن ئائىلىسىنى قوغداپ بەرسەم، ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنساملا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۆرە بۇ ئىش توغرىسىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئويلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ ئىزدەنمىسە بولمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ قورسىقىنى تويغۇزالىشى ھېچ بىر كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن. بۆرە ئاشۇ ئىتقا ئوخشاش ياشاشنى ئويلاپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆزى ئىتنىڭ بوينىدىكى تۈكى چۈشۈپ كەتكەن يەرگە چۈشۈپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن بوينىدىكى تۈككە نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىت بۆرىگە: «ئۇ مۇھىم ئەمەس. ئۇ تۈكلەرنى بوينۇمدىكى زەنجىر چۈشۈرۈۋەتكەن» دەپتۇ. بۆرە چۆچۈپ كېتىپ: «نېمە، زەنجىر! سەن ئۆزۈڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمامسەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئىت: «ياق. ئەمما ئۇ مۇھىم ئەمەسقۇ؟» دەپتىكەن، بۆرە «ئۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېگىنىچە ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ. ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇشقا ئائىت مەزمۇندىكى كىتاب، ماقالە ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىدا، «ئۆز ئالدىڭغا شىركەت قۇرۇپ، ئۆز-ئۆزۈڭگە خوجا بول» دېگەنگە ئوخشاش، كىشىلەرنى ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر سۆز داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان بىر پاكىت شۇكى، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەش ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە قارىغاندا جىق تەس؛ باشقىلارغا بېقىنىپ ياشاش بىر خىل خورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەپ جان بېقىشتىن باشقا، ئۆزى شىركەت قۇرۇپ، بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ ياشاش يولىمۇ بار. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش ئىشىنىڭ قىيىنلىشىشىغا، ھەمدە بازار ئىقتىسادى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرى ئالدىنقى 10 يىل جەريانىدا خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپتۇ. ئارمان، ئامىنە قاتارلىق بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەتلەر ۋە خېلى نۇرغۇن چوڭ كۆلەمدىكى رېستورانلار ۋۇجۇدقا كېلىپتۇ. يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرلا ئەمەس، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرسوفت، قارلۇق قاتارلىق كىچىك تىپلىق، يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىمۇ بارلىققا كەلگىلى تۇرۇپتۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇ ھادىسە مەلۇم دەرىجىدە «ئىش تېپىش قىيىن بولۇش» نىڭ «قوشۇمچە مەھسۇلاتى» دىن ئىبارەتتۇر. يەنى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تېپىشقا ئامالسىز قېلىپ، ياكى باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشنى خالىماي، ئۆزى شىركەت قۇرۇش يولىنى تاللاپ، ھازىر ئۆز شىركەتلىرىنى ناھايىتى ئوبدان ماڭدۇرۇۋېتىپتۇ. «يامان ئىشتىن ياخشى ئىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش» دېگەن مانا شۇدۇر. مەن يېقىندا ئادەملەرنىڭ «ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى» ئۈستىدە توختالغاندا، مۇشۇ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 12- ۋە 13-ئۇسۇلى قىلىپ تۆۋەندىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم

نەقىل:
12) بىر ئىشنى قوغلىشىش جەريانىدا يەنە بىر ئىشقا ئېرىشەلەيدىغان تالانتقا ئىگە بولۇش. "تۇرمۇش" دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر باشقىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئۇ بىلىملەر باشقىلار ئۈچۈن روھىي جەھەتتىكى زەھەرگە ئوخشاش بىر ئەھۋالنى ئۆزى ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولالايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاشۇنداق بىلىمگە ئىگە كىشىلەر ناچار سەرگۈزەشتلەردىن ياخشى تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، باشقىلار ئۈچۈن كۈچلۈك روھىي بېسىم بولۇپ تۇيۇلغان ئەھۋاللار ئىچىدىمۇ ئۆز ئىشلىرىنى يەنىلا ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار بىتەلەيلىكنى بىر ياخشى تەلەيگە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەمدە ناچار ئەھۋال ئىچىدىن يېڭى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ. 13) ئادەتتىن تاشقىرى روھىي ساغلاملىقنىڭ بىر ئىپادىسى، بىر ئادەم ئۆزى يولۇققان بىر ناچار ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا، "مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قايتا سادىر قىلمايمەن. لېكىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئەھۋال مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى بولدى"، دەپ ئويلاش. ئۆز-ئۆزىدىن: "قانداق قىلسام بۇ ئەھۋالنى ئۆزۈمگە پايدىلىق ئەھۋالغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟"، "بۇ ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ياخشى تەرىپى نېمە؟"، "بۇ ئىشتىن ماڭا كەلگەن سوۋغات نېمە؟" دەپ سوراش....
مەن ھەر بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىر قىسىم ياشلار يۇقىرىقى «ئۆزى شىركەت قۇرۇش» دېگەن تەكلىپنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، بۇ تەكلىپكە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى شىركەت قۇرۇش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، ئۆزىدە ئاشۇنداق قىلىشقا زۆرۈر بولغان جۈرئەت، ماھارەت، ئىقتىدار، بىلىم ۋە شەرت-شارائىتنىڭ بار-يوقلىغىنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. «ئۆزى شىركەت قۇرۇش» ئامېرىكىدا بىر كەڭ دائىرىلىك كەسىپكە ئايلانغان بولۇپ، شىركەت قۇرماقچى بولغان شەخسلەرگە مەسلىھەت بېرىپ، تەييارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، شىركەت پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ بولغۇچە مۇتەخەسسىسلەرچە خىزمەت قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەقتە نەشر قىلىنغان كىتاب، ماقالە، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى ۋە يۇمشاق دېتال قوراللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
مەسىلەن، ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆزى شىركەت قۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان بىلىم، ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى، يەنى شىركەت قۇرۇشقا زۆرۈر بولغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى تەلىم-تەربىيىنى «زادىلا مەۋجۇت ئەمەس» دېيىشكە بولىدۇ. سىز مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىڭ، ياكى شىركەت قۇرماسلىق قارارىغا كېلىڭ، سىزنىڭ قارارىڭىز بەلگىلىك ئىلمىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىر ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ياكى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى توغرا بايقاپ، ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش-قۇرماسلىق توغرىسىدا ئىلمىي ئاساستا توغرا قارار چىقىرىشىغا، ھەمدە شىركەت قۇرۇش ئارزۇسى بارلارنىڭ ئۆزلىرىدە زۆرۈر بولغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئازراق ئىزدەندىم. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ 38 ياشقا كىرگەندە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك شىركەت قۇرۇش ئىشىغا ئارىلىشىشنى باشلاپ، ئۇنى تاكى 2006-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردۇم. شۇ جەرياندا كالىفورنىيىنىڭ كرېمنىي جىلغىسىدىكى خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش جەھەتتە تەجرىبىسى بار كىشىلەردىن 10 غا يېقىن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشتىم. جەمئىي 4 قېتىم ئوز ئالدىمىزغا شىركەت قۇرۇش ئىشىنى باشلىغان بولساممۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىزنىڭ كەسپىي ساھەيىمىزدە يۈز بەرگەن تاسادىپى ئۆزگىرىشلەر ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ 4 شىركەتنىڭ ھېچ قايسىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. لېكىن، مەن ئامېرىكىدا ئۆز ئالدىغا يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتى قۇرۇش جەھەتتە بىر قىسىم بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. بۇ يازما ئاشۇ بىلىملەر بىلەن بۇ قېتىم ئوقۇغان ئىنتېرنېتتىكى ماتېرىياللارنىڭ نەتىجىسىدۇر.
1. شىركەت قۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان كىشىلىك سۈپەتلەر
شىركەت قۇرۇش دېگەن نېمە؟ شىركەت قۇرۇش دېگەن، كىشىلەرنىڭ بىر ئېھتىياجىنى بايقاپ، ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر كارخانا قۇرۇش دېمەكتۇر. ئادەم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇشتا مەلۇم روھ، ماھارەت، ئىقتىدار ۋە بىلىم-تەجرىبىگە موھتاج. تۆۋەندە مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، «كىشىلىك سۈپەت» دەپ ئالىمەن. بۇ يازما پەقەت يۇقىرىقىدەك كىشىلىك سۈپەتلەر توغرىسىدىلا بولۇپ، بۇ يەردە شىركەت قۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان باشقا نەرسىلەر ئۈستىدە توختالمايمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، «ماھارەت» كىشىلەر تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇش، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش ۋە مەخسۇس تەربىيىلىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەرسە. «ئىقتىدار» نىڭ بەزىلىرى تۇغما بولىدۇ، بەزىلىرى بولسا «ماھارەت» كە ئوخشاش كېيىنكى ھاياتتا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا بۇ ئىككى نەرسە ئېنىق ھالدا ئوخشىمىغان نەرسىلەرگە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنمۇ تۆۋەندىكى بايانىمدا بۇ ئۇقۇملارنى ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىكى بىلەن ئوخشاش تەرىقىدە قوللىنىمەن. ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:
(1) قاراملىق قىلىش روھى شىركەت قۇرۇشنىڭ گېپى بولغاندا، ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر سۆز «قاراملىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش»، ئۇنى ئىنگلىزچىدا «willing to take a risk» دەپ ئاتايدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇرچىدا «قاراملىق قىلىش» دېگەن سۆز كۆپىنچە ھاللاردا سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، «قارام ئادەم» دېگەن سۆز ئانچە بىلىملىك ئەمەس، بىر ئىشنى قارىسىغىلا قىلىدىغان كىشىگە قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ. ئىنگلىزچىدىكى «قاراملىق قىلىش» بولسا ئىجابىي مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئىشنى بەلگىلىك بىلىم-ئىقتىدار ئاساسىدا «دەتتىكام» دەپ تۇرۇپ قىلىپ بېقىشقا، يەنى ئاشۇنداق بىر تەرىقىدە «قاراملىق قىلىش» قا جۈرئەت قىلىشقا قارىتىلغان. ئامېرىكىلىقلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارنى ھەر خىل ئىشلاردا قاراملىق قىلىپ چوڭ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. خەتىرى بار قاراملىقلارنى قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىدىغان، بىر يەرلىرىنى سۇندۇرۇۋالىدىغان ياشلار ئاز ئەمەس. شۇنداقلا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا خېلى يۇقىرى تېخنىكىلىق، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر نەرسىلەرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققانلار، كىچىك تۇرۇپلا شىركەت قۇرۇپ، 20 نەچچە يېشىدا مىليونېر بولۇپ بولغان كىشىلەرمۇ خېلى بار. ياشلارنى مۇشۇنداق تەربىيىلەيدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىدا كاتتا ئىشلارنى قىلىپ، مۆجىزە يارىتىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ. ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى مەنىدىكى قاراملىق قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە قاراملىق قىلىش غەيرىتى كەم بولسا، سىز بىر ئىشنى قىلىدىغاندا مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ، چوڭ ئىشنى باشلىيالمايسىز. شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇ شىركەتنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن توغرا مۆلچەرلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا شىركەت قۇرۇش بىر قاراملىق قىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇ سىزدىن قاراملىق قىلىش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. (2) بەدەل تۆلەش روھى سىز ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرسىڭىز، سىز ئەڭ ئاخىرىدا پۇلغا ئېرىشىسىز. يەنى، پۇلنى تەقسىم قىلىشتا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرغان بانكا، سىزنى خام ئەشيا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەر ۋە سىزنىڭ خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىدۇ. سىز بۇرۇن ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنىمۇ شىركەت ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇرۇنقىدەك كۈنىگە 8 سائەت ئىشلەيدىغان، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالىدىغان، ھەمدە يازدا بىر قانچە ھەپتە دەم ئېلىپ، ساياھەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ. بولۇپمۇ شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاشۇنداق بولىدۇ. شۇڭا شىركەت قۇرماقچى بولغانلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بەدەل تۆلەش روھى، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى، ھەمدە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. قاراملىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان بەدەل تۆلەشنىڭ دەرىجىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا بۇرۇن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى توختاتماي، شىركەت قۇرۇش ئىشىنى دەسلەپتە قوشۇمچە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىش خېلى بىر ئىشەنچلىك باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن بۇرۇنقى خىزمىتىنى تاشلايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كوپ. ئۆزۈممۇ ھازىرغىچە قۇرماقچى بولغان 4 شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ ئەسلى خىزمىتىنى تاشلىمىغان ئىدىم. يېڭى شىركەت ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئىدى، بۇرۇنقى خىزمىتىمنى قىلىۋەردىم. لېكىن شۇ جەرياندا نۇرغۇن دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى، نۇرغۇن ئاخشاملارنى، ۋە بەلگىلىك قىممەتتىكى پۇلۇمنى قۇربان قىلدىم. (3) كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى قىلالايدىغان ماھارەت سىز بىر شىركەتنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، سىز شىركەتنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتنىڭ ئادەملىرى، خېرىدارلار، ئۆز شىركىتىڭىزنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، بوغالتىرلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ۋە يۇقىرىقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىسىز. شۇڭا سىز ھەر خىل مىجەزلىك كىشىلەر بىلەن ئىش بېجىرەلەيدىغان بولۇشىڭىز، ئۆز خېرىدارلىرىڭىزدىن ئۇلارنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى، نېمىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. (4) كۈچلۈك لېدىرلىق (رەھبەرلىك) ماھارىتى ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتە، باشقىلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئىگىسىگە يۆلىنىدۇ. شىركەت ئىگىسىنىڭ يول باشلىشىنى ئىستەيدۇ. شىركەت باشلىغىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىگە قارايدۇ. شۇڭا شىركەت باشلىقى يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم كۈچلۈك لېدىرلىق (رەھبەرلىك) ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. (5) كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى شىركەت ئىگىسى ئۆز شىركىتىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، مۇھىم ئىشلار تەرتىپىنى بېكىتىپ تۇرۇشى، ھەمدە ھەر بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىللەش ماھارىتى بولمىسا بولمايدۇ. (6) زېرەكلىك «زېرەكلىك» بولۇش دېگىنىمىز ھەر خىل ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغان بولۇش، دېگەنلىك ئەمەس، «كوچىلاردىكى ئەقىل ئىگىسى بولۇش» دېگەنلىك. يەنى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىشنىڭ ئېپىنى تاپالايدىغان بولۇش دېگەنلىك. ئەقىللىق شىركەت ئىگىلىرى بىر ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھەمدە كرىزىس يۈز بەرگەندە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ. (7) باشقۇرۇش ئىقتىدارى كىچىك شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىرى قىلىدىغان ئاساسلىق ئىش ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى ئۇلار خېرىدارلار، خىزمەتچىلەر، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، بوغالتىر، ئادۋوكاتلار، بانكا، ئائىلىدىكىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال ھەر بىر شىركەت ئىگىسىدىن كۈچلۈك باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. (8) شىركەت تەجرىبىسى بۇ نۇقتىنى كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. شىركەت تەجرىبىسى بولۇش، ئۆزى بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بۇنداق تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئوقۇش جەريانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ شىركىتىگە ياردەملىشىپ بېرىپ، شۇ جەرياندا ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرەر شىركەتتە بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ، تەجرىبە توپلىسىمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى شىركەت تەجرىبىسى بار كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇرسىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەگەر شىركەت تەجرىبىسى پەقەتلا بولمىسا، شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشى دەسلەپتە چوقۇم قىينىلىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن ئىشلارنى شىركەت قۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق تەجرىبىلىك بولغىلىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشۇنداق قىلىۋاتقانلار ھازىر خېلى كوپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا شىركەت تەجرىبىسىنى بولمىسا قەتئىي بولمايدىغان بىر نەرسە، دەپمۇ قاراپ كەتمەسلىك كېرەك. (9) ئۈمىدۋارلىق شىركەت قۇرۇيدىغانلار ئۈچۈن ھەممە ئىشلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان مىجەز-خاراكتېرمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، شىركەت ئىشلىرى داۋاملىق سىز ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىر ئىشتىن ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىدىغان كىشىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن بىر دەمدىلا ۋاز كېچىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۇنداق قىلمايدۇ. بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماڭغان يولدىن قايتماي، ئەڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن بىر شىركەت قۇرماقچى بولغان بىر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭلا ھازىرلاپ باققان ئەمەس. يەنى، سىزدە يۇقىرىقى كىشىلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولمىسىمۇ، سىز بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرالىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ھەرگىزمۇ «مەندە يۇقىرىقى 9 سۈپەتنىڭ ھەممىسى تەل ئەمەسكەن»، دەپ بېلىڭىزنى قويۇۋەتمەڭ. مەن ھازىرغىچە تىلغا ئالمىغان، شىركەت قۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ پۇل. ئامېرىكىدا يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەتتىن ياكى بانكىدىن پۇل قەرز ئالىدۇ. بەزىلىرى مەبلەغ سېلىش بانكىسى، مەبلەغ سېلىش شىركىتى، ياكى مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىي كاپىتالىستلىرىدىن پۇل ھەل قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆز پۇلى بىلەن شىركەت باشلايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە بۇ ئىشلار قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى مەن تەپسىلىي بىلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ پەرىزىچە ھازىرغىچە شىركەت قۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز پۇلى بىلەن ئىش باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن پۇل مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ھاياتىدا ياشلار زېھنىنى ئۆزىدە يۇقىرىقى 9 خىل كىشىلىك سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگىنى ياخشى. سىزدە ئىقتىدار بولسا پۇل ھەل بولغاندا شىركەت قۇرالايسىز. ئەگەر سىزدە ئىقتىدار بولمىسا بىرسى سىزگە پۇل بەرسىمۇ بىر شىركەت قۇرالىشىڭىز ھەمدە ئۇنى قاملاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭالىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا ھەرگىزمۇ ياشلىق ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ.
يۇقىرىقى سۈپەتلەردىن باشقا، تۆۋەندىكى نەرسىلەرمۇ بىر شىركەت قۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ:
(1) باشقىلاردا يوق ياخشى ئىدىيە. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا باشقىلاردا يوق ياكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشىراق بىر لايىھە بولسا، شۇ نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. (2) ئەگەر سىزدە بىر خىل ئالاھىدە تالانت بولسا، ئۇ تالانت سىزنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىڭىزنى تولۇقلاپ كېتىپ، سىز بىر شىركەتنى يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالايسىز. (3) دۇنيادا بىر ئالاھىدە تەلەينىڭ كېلىشى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرۇپ چىققانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا سىزگە بىر ياخشى تەلەي كېلىپ قالسا، ئۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ. مەن يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرسى مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماي تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇ يەردىكى «ئۇزۇن مۇددەت» دېگىنىمىز 50 يىلدىن 100 يىلغىچە بولغان ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. مەن يېقىندىن بۇيان تەييارلاپ ئىنتېرنېتقا چىقىرىۋاتقان «كىشىلىك تەرەققىيات» قا ئائىت يازمىلا يالغۇز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئىشلىرىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىسى بولۇشىنى كۆزدە تۇتقان. مەن يۇقىرىدا تىزىپ چىققان 9 خىل كىشىلىك سۈپەت يالغۇز شىركەت قۇرغۇچىلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ھاياتى ئۈچۈن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى كۆزلەۋاتقان ھەر بىر ياش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. شۇڭا مەن ھەر بىر يۇقىرى ئىرادىلىك ياشنىڭ بۇ كىشىلىك سۈپەتلەرنى ھەر دائىم ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پۇرسەت بولسىلا ئۆزىدە ئاشۇنداق سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇستەھكەملەپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2. شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت
ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارى بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىپ باي بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، ھەممە ئادەم پۇل تېپىش ئۈچۈنلا شىركەت قۇرمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، تۆۋەندىكىسى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسىدىن ئىبارەت:
پۇل تېپىپ باي بولۇش
كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش
كەسىپ بىلەن تېخنولوگىيىدە يېڭىلىق يارىتىش
ئۆزى ياخشى كۆرگەن جايدا ياشاش
ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش
ئەگەر سىز ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بىر شىركەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەن بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟ ياكى سىز نېمە مەقسەت ئۈچۈن شىركەت قۇرىسىز؟ ئەگەر خالىسىڭىز، سىز يۇقىرىقى 5 مەقسەتنىڭ ئۆزىڭىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزىپ بېقىڭ. بىرىنچىسى ئەڭ مۇھىمى بولسۇن. ئاندىن سىز تاللىغان ھەر بىر مەقسەتنىڭ ئاستىغا سىزنىڭ ئاشۇ مەقسەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا «كىچىك تىپلىق ئىگىلىك مەكتىپى» نى قۇرۇپ، ئوز ئالدىغا كىچىك تىپلىق شىركەت قۇرىدىغانلارغا مەسلىھەت بېرىش جەھەتتە داڭ چىقارغان «Hattie Bryant» ئىسىملىك بىر خانىم ئۆزىنىڭ «پۇل» توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇنداق يازغان: «پۇل دېگەن تۆھپىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ تۆھپەم قانچە چوڭ بولسا، مەن شۇنچە كۆپ پۇلغا ئېرىشىشىم كېرەك. ئەگەر مەن باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بىر مۇھىم ھەسسە قوشۇۋاتقان بولسام، ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى ماڭا تۆھپەمگە چۇشلۇق مائاش بېرىشى كېرەك. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، بىر خىل ئېھتىياجنى بايقاپ، ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر مەن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسام، ئاخىرىدا ماڭا بېرىلىدىغان پۇل مېنى ساقلاپ تۇرغان بولۇشى كېرەك. پۇل تۇرمۇش ئادىتىدەك مۇھىم ئەمەس. مەن پەقەت قاتتىق ئىشلىگەنلەر شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.» بۇ مەشىق سىزنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا شىركەت قۇرۇشتا قانچىلىك دەرىجىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىش كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سىنايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «پۇل» نى 1-مەقسەت قىلىپ تاللايدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، شىركەت قۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى مەقسەت قىلغان بولمايدۇ. ئامېرىكا كىچىك شىركەتلەر ئىگىسى بىرلەشمىسى ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاشۇ بىرلەشمىگە تەۋە شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىكى 20 پىرسەنتتىن ئاز قىسمىلا ئۆز شىركىتىنى پۇل ئۈچۈن قۇرغان ئىكەن. يەنى، ئامېرىكىدا پۇل ئۈچۈن شىركەت قۇرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇل ئۈچۈن شىركەت قۇرىدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ ھېچ بىر خاتالىقى يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ باي بولۇپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش قورساقتىن غەم قىلمايدىغان بولغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى باشقا مەقسەت ئۈچۈن شىركەت قۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ. مېنىڭ ئۇشبۇ قىسىمنى بۇ يازمىغا كىرگۈزۈشىمدىكى مەقسىتىم، ئۇيغۇر ياشلىرىغا شىركەت قۇرۇش پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، شىركەت قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ ئۆزگىرىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىسنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇنىڭ 2008-يىلىدىكى پۇل بايلىقىنىڭ قىممىتى 58 مىليارد دوللار ئىكەن. ئۇ 1955-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى يېشى 53 ياش ئىكەن. ئەگەر بىز ئۇنى 90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ يەنە 47 يىل ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ھازىردىن باشلاپ قەتئىي ئىشلىمەي، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھازىرقى پۇل بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولماقچى بولسا، ئۇ ھەر كۈنى 3.3 مىليون دوللار پۇل خەجلىشى كېرەك. لېكىن، بىل گايتىس ياش ۋاقتىدا قانداق تىرىشقان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ كىشىلەر پەقەت پۇل تېپىپ باي بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايان قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۇلدىن باشقا مەقسەتلەرگىمۇ يېتىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى قاتتىق ئىشلەيدۇ.
3. ئامېرىكىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلىشى
ئامېرىكىدا كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ سانى بارلىق كارخانا ئىگىلىكى ئىچىدە خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلاردا بېرىلىدىغان خەۋەر-دوكلاتلاردىمۇ كىچىك تىپتىكى شەخسىي شىركەتنىڭ گېپى ناھايىتى كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىي شىركەت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ لېدىرلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان مەخسۇس تەربىيىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ: http://www.bizkids.biz/بىر مىسال سۈپىتىدە، مەن «ۋاشىنگتون ئىگىلىك ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلغىلى ھازىر 30 يىل بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك پروگراممىسىدا، ئوقۇغۇچىلارنى بىر «خىيالىي شىركەت» قۇرۇپ چىقارغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ھەر خىل فۇنكسىيىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ فۇنكسىيىلەر خېرىدارلار مۇلازىمىتى، مەھسۇلات تەشۋىقاتى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىستراتېگىيە، لېدىرلىق، زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى ئىگىلىك دۇنياسىدا بولمىسا بولمايدىغان مۇرەككەپ ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇشۇنداق مەخسۇس تەلىم-تەربىيە جەريانىدا دەرس سۆزلەيدىغانلار ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ چوڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەتتىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى بولۇشتىن ئىش باشلاپ، كېيىن ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز شىركىتىنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر قاتارىغا قوشقان كىشىلەردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىۋاستە سەرگۈزەشتلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى مېڭىسىدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدىغان قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇرۇن چوڭ بولغاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تەلىم-تەربىيىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىرى كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىش توغرىسىدا بىر ناھايىتى ئېنىق قارارغا كېلەلەيدۇ. مۇشۇنداق تەربىيىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بۇ بىر ھەپتىلىك مەخسۇس تەلىم-تەربىيە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق بايقاپ، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ جەمئىيەتكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلاردىن بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇنداق ئىشنى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنداق ئىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتۈن مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىش - بېرىلماسلىقى ھۆكۈمەتكە باغلىق بىر ئىش بولغاچقا، مەن بۇ يەردە شەخسىيلەر ئۆز ئالدىغا قىلالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەي. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇنداق مۇلازىمەت شىركىتىنى قۇرغانلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىدا يېتەرلىك تەجرىبە توپلىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەر بار. لېكىن بەك كۆپ ئەمەس. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئارمان شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەر باشلىسا بولىدۇ. يەنى ئۇلار بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرماقچى بولغانلارنى تەربىيىلەش پۇللۇق سېمىنارى (كۇرس) ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ياش ئەۋلادلارنى كەلگۈسىگە ماسلاشتۇرۇپ تەربىيىلەيدىغان بۇ ياخشى ئىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلىسا، تەلەپ قىلغان مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، مەكتەپلەردىن پۇل ئالماي، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر كۈن ياكى بىر ھەپتىلىك تەلىم-تەربىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى. مېنىڭچە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى ئاسانلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ھازىرقى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تونۇشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، غەيرىتى ۋە ئالىيجانابلىق دەرىجىسىگە باغلىق. مەن ئالدىنقى بىر يازمامدا ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈكنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم: 1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. 2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. 3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە يۇقىرىقىدەك تەكلىپ بېرىشتە، مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى كۆزدە تۇتقان. يېقىندا ئەكرەم ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز بىلىك كۇلۇبىغا «بىزگە زادى نېمە كېرەك؟» دېگەن بىر تېمىنى يوللاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ھازىر ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپتۇ. قىزىققۇچىلار بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:http://www.%20bilik.%20cn/bbs/viewthread.%20php?tid=16080&extra=page%3D1يۇقىرىقىدەك مەخسۇس تەربىيىدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە «لېدىرلىق كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ قۇرۇپ چىققان كۇلۇبلارمۇ بار. بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر مەكتەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، لېدىرلىققا ئائىت ھەر خىل بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «لېدىرلىق كۇلۇبى» نى يولغا قويۇش ئىمكانىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن، كەلگۈسىدە شىركەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش پۇرسەتلىرىدىن بىر قىسىملىرى بار. مەسىلەن، ئەگەر سىز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇپ ئىشلىسىڭىز، ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا ئۆزىڭىزدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماھارەت ۋە ئىقتىداردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېتىلدۈرەلەيسىز: (3) كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى؛ (4) لېدىرلىق ماھارىتى؛ (5) تەشكىللەش ماھارىتى؛ ۋە (7) باشقۇرۇش ئىقتىدارى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چوڭراق ئىشلارنى كۆزلەپ ياشىماقچى بولسىڭىز، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى يۇقىرىقىدەك پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.
4. ئاخىرقى سۆز
جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى Nelson Mandela مۇنداق دەيدۇ. نەقىل: «دەسلەپتە، بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەركىنلىك ئىزدىگەن ئىدىم. مېنىڭ خىيالىمدىكى ۋاقىتلىق ئەركىنلىك ئاخشىمى سىرتقا چىقالايدىغان بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ۋە ئۆزۈم تاللىغان يەرگە بارالايدىغان بولۇش ئىدى. كېيىنچە Johannesburg دىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئاساسىي ۋە شەرەپلىك ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ ئەركىنلىك ئۆز ئىقتىدارىم يار بەرگەن پەللىگە يېتىش، ئۆز-ئۆزۈمنى باقالايدىغان بولۇش، ھەم توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەركىنلىك بىر قانۇنلۇق جەمئىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىك ئىدى. ئەمما، مەن تەدرىجىي ھالدا شۇنى كۆردۈمكى، مەن ئۆزۈملا ئەركىن بولماي قالماستىن، مېنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ھەدە-سىڭىللىرىممۇ ئەركىن ئەمەسكەن.... شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمگە بولغان تەشنالىقىم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان تېخىمۇ چوڭ تەشنالىققا ئۆزگەردى. مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۆز غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشىيالايدىغان ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇيۇم مېنىڭ ھاياتىمنى جانلاندۇردى. مەندەك بىر قورقۇنچاق كىچىك بالىنى بىر جاسارەتلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى. مەندەك بىر قانۇنغا ئوبدان رىئايە قىلىدىغان ئادۋۇكاتنى بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىشقا قىستىدى. مەندەك بىر ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان ئەرنى بىر ئۆيسىز ئەرگە ئايلاندۇردى. ... مەن ئۆزۈمنىڭ قېشىدىكى ئادەمدىن بەكرەك پەزىلەتلىك ياكى بەكرەك ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدىغان كىشى ئەمەس. لېكىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئەگەر مېنىڭ خەلقىم ئەركىن بولمايدىكەن، مەن ئۆزۈمگە ئاتا قىلىنغان بىچارە ۋە چەكلىك ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنالمايدىكەنمەن.» ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. مىللەت گۈللەنمىسە، سىز-بىزنىڭ ياخشى ياشىيالىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ماددىي جەھەتتە ھەممە نەرسىمىز تەل بولۇپ، يولسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر مىللەتنىڭ كۈنى ياخشى بولمايدىكەن، بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ روھىي جەھەتتە خاتىرجەم ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە ئۆز تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتى مانا شۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر. ھازىرمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە پۇلىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ ساھەدە ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سىز http://ouigour.%20fr/dictionnaire دېگەن تور بېتىگە قاراپ بېقىڭ. فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ھازىر بىر ئۇيغۇرچە - فرانسۇزچە ئىنتېرنېت لۇغىتى تەييارلاۋاتىدۇ. مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا كەلگۈسىدە شىركەت قۇرۇشنى كۆزلەۋاتقان ياشلارنىڭ، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىزغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىللەتنىڭ تەقدىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى سىز نېمە ئىش قىلماقچى ۋە قىلىۋاتقان بولۇڭ، يۇرتىمىز بىلەن خەلقىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. ئەگەر سىز بىر شىركەت قۇرماقچى بولسىڭىز، پۇل تېپىپ جان بېقىش، ياكى باي بولۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مۇنداق بىر سوئالنى ئۆز-ئۆزىڭىزدىن داۋاملىق سوراپ تۇرۇڭ: «مەن شىركىتىمدە 20 ئۇيغۇر ياشنى باقالارمەنمۇ؟ 200 نىچۇ؟ 2000 نىچۇ؟» مەن ھەر بىر ماقالىنى بىلىك تورىغا چىقارغاندىن كېيىن، «Google» ئارقىلىق ئۇ ماقالىنى چىقارغان باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تېپىپ، ئۇلارغا مېنىڭ يازمام ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشۈمچە، مېنىڭ ھەر بىر يازمام ھازىر 15 تىن 30 غىچە بولغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە چىقىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە مۇشۇ يولدا ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا، ھەمدە ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس يېزىۋاتقان تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن ماقالىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىرمۇ ئىجتىمائىي پەننى ئاساس قىلغان جەمئىيەت بولۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن يازما ئانچە ئەھمىيەتلىك تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار كىتابنى تېز ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئادەتلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ھازىر ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ماقالە - كىتابلاردىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. مېنىڭ ئۇ يازمىدا بەكرەك كۆزدە تۇتقىنىم تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى ياشلار، ھەمدە خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ياشلاردۇر. ئەگەر بىز ھازىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ياپونلۇق، گېرمانلىق ۋە يەھۇدىي قاتارلىق مىللەتلەرگە ۋە ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇ مىللەت ۋە دۆلەتلەردە تەبىئىي پەنچىلەر، سانائەتچىلەر ۋە ئىنژېنېرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىمۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىك نوپۇسى ئىچىدىكى تەبىئىي پەنچى، سانائەتچى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەك. كىتاب - ماقالە يازىدىغانلارمۇ مۇشۇنداق بىر يۈزلىنىشكە ماسلىشىشى، ئاشۇنداق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق يولنى تۇتۇشى كېرەك. مەن «غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى» دېگەن يازمامنى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئورنىدا تۇرۇپ ئەمەس، تەبىئىي پەنچىلەر ئورنىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تولۇق ئوقۇش

April 18, 2008

Rockfeller جەمەتىنىڭ ئائىلە مىزانى

بۇ قائىدىلەر مەن ۋە رەپىقەمنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش ۋە بالا تەربىيىلەشتىكى ئۆلچەملىرى. ئۇلار دادامنىڭ بىر ئۆمۈر چىن ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغان ، توغرا بولغان ھايات يولىنى تېپىشتىكى ئۆلچەملىرى بولۇپ ، ئارىسىدىكى نۇرغۇن قائىدىلەرنى مەست بۇرۇن ئانامدىن ئاڭلىغان ئىدىم . بۇ قائىدىلەر بىزنى ھاياتلىقتا خۇشال ،ئەھمىيەتلىك ياشاش ، ئۆلگەندە ئىززەت - ئابرۇي بىلەن بۇ دۇنيادىن تىنچ خوشلىشىشتىن ئىبارەت يېكى مەنزىلگە باشلايدۇ . ئەگەر بۇ قائىدىلەر سىزۋە مەن ئۈچۈن ئوخشاشلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك دەپ قارالسا ، ئۇنداقتا ، ئەلۋەتتە ئەۋلادلارنى توغرا يولغايېتەكلەشكە ھەم ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .بۇ قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:مەن كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن ئەلا قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ھەمدە ھاياتلىق ، ئەركىنلىك ۋە بەختنىقوغلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.مەست ھەربىر خىل ھوقۇقنىڭ خاس مەسئۇلىيەتنى ، پۇرسەتنىڭ ھامان مەلۇم بەدەلنى ، ئېرىشىشنىڭ مەلۇم خىل مەجبۇرىيەتنى شەرھ قىلىدىغانلىقىغا ، مەلۇم خىل مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .مەن قانۇننىڭ ئىنسان ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغانلىقىغا ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ خوجايىنى بولماستىن ، چاكىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن . مەن مەيلى جىسمانىي ياكى ئەقلىي ئەمگەك بولسۇن ھەممىسىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىگە ،دۇنيانىڭ ھەربىر ئىنساننىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇ ھەربىر ئىنسانغا ھاياتلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە قەرزدار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.مەست تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچىللىقنىڭتەرتىپلىك ھاياتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىگە ئېشىنىمەن . تېجەشلىك بولۇش مۇكەممەل ئىگىلىكنىڭ ئاساسى .مەن ھەقىقەت بىلەن ئادىللىقنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرتىپىنى ساقلاشنىڭ ئۇلىئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن .مەن ۋەدىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ، ئۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىش لازىملىقىغا ئىشىنىمەن . چىن ئادەملەر ھەمىشە ۋەدىسىدەتۇرىدۇ . ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ھەممىدىن ئەلادۇر . پۇل ، ھوقۇق ۋە مەرتىۋىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلىبولمايدۇ .مەن باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىگەئىشىنىمەن . پەقەت پىداكارلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا پاكلانغىلى ، شەخسىيەتچىلىكنى چۇرۈپ تاشلىغاندىلا ،روھنى قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ . مەست مۇھەببەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسەئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن . مۇھەببەت ئۆچمەنلىكنى بويسۇندۇرىدۇ . ھەققانىيەت ئەڭ ئاخىرىدا رەزىللىك ئۈستىدىنغالىب كېلىدۇ .دۇنيادىكى ئەر - ئاياللار ئىرق ، تەربىيىلىنىش ،جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ،شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنىڭ ئاددىي - مۇرەككەپ -لىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ . بىراقئۇلاردىن يۇقىرىقى پرىنسىپلار ئۈچۈن كۈرەشقىلمايدىغىنى ، ھەرەج تارتمايدىغىنى ، قۇربانلىقبەرمەيدىغىنى يوقتۇر .
بۇ يازما كومپاس تورىدىن ئېلىندى
تولۇق ئوقۇش

April 17, 2008

تاشقى پروۋوت ئالتۇن سودىسىغا مەبلەغ سېلىشتىن تەسىرات

تاشقى پروۋوت ئالتۇن سودىسىغا مەبلەغ سېلىشتىن تەسىرات

1. مال ئېلىشتىكى تەپەككۈر يولى
ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىش كېرەك. مال ئېلىشتىن بۇرۇن بازارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغان نوقتىلىرىنى ئېنىق بېكىتىۋېلىش، باھا مۇشۇ نوقتىغا بارغاندىن كېيىن ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش. بولۇپمۇ ئولتۇرا قىسقا سىزىق (超短线) بويىچە سودا قىلىۋاتقانلار بۇ نوقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. بازار ناھايتى چوڭ تەۋرىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئولتۇرا قىسقا سىزىقلىق بازار 8~10 سىكونت ئىچىدىلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ شۇڭا بۇنداق چاغدا كۆز ئىتتىك، قول چاققان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا قولىڭىزدىكى بەلگىلىك مەبلەغدىن ئايرىلىپ قالىسىز. بولۇپمۇ بازارغا قارشى مال ئالغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ، زىيان نوقتىسىنى بەلگىلىمەسلىك سىزنى ناھايتى ئاسانلا زىيانغا سۆرەپ ئاپىرىدۇ. چۈنكى بازار ناھايتى شىددەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا بەزىدە نەچچە سىكونت ئىچىدىلا بازار 5- دوللار ئۆسۈپ كېتىشى ياكى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا زىيان نوقتىسىنى بەلگىلەشنى ئويلىسىڭىزمۇ ئەمما قولدىكى زىيان چوڭ بولغاچقا زىيان نوقتىسىنى بەلگىلەشكە تېخىمۇ قىيمايسىز ( ھەممەيلەن دىگۈدەك شۇنداق). ئەلۋەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان. شۇڭا ھۇشيار بولۇش، زىيان نوقتىسنى بەك چوڭ بەلگىلىۋەتمەسلىك كېرەك، ئەڭ كۆپ بولغاندىمى 2~3 دوللاردىن ئېشىپ كەتمىگىنى ياخشى (سودىنى قىلىپ باققانلار چۈشىنىدۇ___2~3 دوللار ئەمەلىيەتتە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0.1 قول مال ئالغاندىمۇ 20~30 دوللار دىگەن گەپ ___ تەرجىماندىن)، بولمىسا بازاردا لەيلەپ(飘单) قالىسىز. بۇ سىزنى يەنىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇ بازار ئۇدۇل دىگەندە سىز دوكارلارغا ئەگىشىپ ئويناپ پۇل تاپىدىغان بازار. رېتىمغا ئەگىشەلمىسىڭىز سىز مەغلۇبىيەتچى خالاس، شۇڭا چوقۇم زىيان نوقتىسىنى بەلگىلەپ ئوينىشىڭىز كېرەك.

داۋامى بار تولۇق ئوقۇش