August 02, 2008

تۆت كۆزلۈك ئايال

كىشىلەر تانزانىيىنىڭ ھېموگىن دېگەن يېرىدە ئۈچ غەلىتە ئايالنى ئۇچراتقان. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش سىممېترىك ھالدا ئوڭ ۋە سول تەرەپكە جايلاشقان بولماستىن، بەلكى يۇقىرى-تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقانىكەن.1966-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يۇدا ۋە سگې ئىسىملىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، يۇدا تېيىلىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن. ئۇلار ئالمان-تالمان يامغۇردىن دالدا بولغۇدەك جاي ئىزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەر ناتۇنۇش بولغانلىقى ھەم يېقىن ئەتراپتا ئۆي بولمىغانلىقى ئۈچۈن گاڭگىراپ قالغان.ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، كۆز ئالدىدا تۇرۇقى قورقۇنچلىق، كۆزلىرى يۇقىرى-تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقان بىر ئايال پەيدا بولغان. ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئۇلارغا ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئېيتقان. تىترەك ئولاشقان بۇ ئاشىق-مەشۇقلار قارشىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئۆڭكۈرگە بارغان.ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپلا يەنە تۇرقى ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئايالنى كۆرگەن. بۇ ئاياللار يۇداغا خاتىرجەم دەم ئېلىشنى ئېيتقاچ، سگېغا: «قورقۇپ كەتمەڭلار، بىز سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، بىز ئاچا-سېڭىللار بولىمىز، يېقىندا قازا قىلغان ئاتا-ئانىمىزنىڭ تەقى-تۇرقىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بىز نورمال ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيمىز» دېگەن.كېيىن يۇدانىڭ كېسىلى ساقىيىپ ئۆڭكۈردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلار ئۈچ ئاچا-سىڭىلغا چەكسىز تەشەككۇر ئېيتقان. مەنبەسى:http://www.basbas.cn/bbs/read.php?tid-5079.html

1 [ئىنكاس بار]:

Anonymous said...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم بلوگ باشقۇرغۇچىسى ،سىزگە بلوگلىرىمىزدىن ئالىي سالام ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۇيغۇرچە بلوگلارنى تېخىمۇ تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ قولايلىق ھالدا ھەرقايسى بلوگلىرىمىزنى تېپىۋېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بلوگلىرىمىز بلوگى سىتاستىكىسىدىكى بلوگلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 138 گە يەتتى ، بۇ ناھايىتى خوشال قىلارلىق ھالەت ، بلوگلىرىمىز بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى ئىزدەيدۇ ، ۋە بارلىق بلوگدىن كىرگەن ئېلان كىرىمىنى باشقا يەرلەردە بلوگلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ،بلوگ كودى باشقۇرۇشقا قولايلىق ۋە زىيارەت قىلىش سۈرئىتى تېز بولۇشى ئۈچۈن ئاھىيدە ئېنىقلىقتىكى كودلاردا رەتلىك يېزىلدى . بلوگلىرىمىز يېڭى قۇرۇلغاچقا تەشۋىقات يېتەرلىك بولۇپ بولالمىدى، سىزنىڭ بلوگلىرىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن بلوگلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ، كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

بلوگلىرىمىز بلوگى
بلوگ ئادرېسى : http://bloglirimiz.blogspot.com
كىيۇ كىيۇ توپى : 34296971
ulanmilar@163.com