April 14, 2008

ئۇيغۇر،مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ۋە ئەركىن سىدىق

تاھىر ئىمىن ئەلبىدار Sitratigiye


تەۋسىيە:


يانچۇقىدا 50 كويدىن ئارتۇق پۇلى يوق (كارتىدا ياكى باشقا ئورۇندا بولغان بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ) ياكى قورسىقى ئاچ تۇرۇپ تورغا چىققان ياكى شۇ كۇندىكى كىرىمى ئەللىك كويغا يەتمىگەن دوسىتلۇرۇمنىڭ توردىكى ئەمەلى پايدسى بولمىغان مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى ئالدىماي ھازىرلا چىقىپ كۆز ئالدىدىكى جىددى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ياكى توردىن پۇل تىپىشقا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈپ پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئۇنداق بولمىغانلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بىقىشنى سورايمەن!

مەزمۇنى:
1-توختىلىش سەۋەبى
2-مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلمى ھەققىدە
3-مىللەت مۇۋەپپەقىيتى ۋە شەخسى مۇۋەپپەقىيەت
4-«ئۇيغۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلمى» نى بەرپا قىلىش ھەققىدە تەكلىپ
5-«ئۇيغۇرلاردا مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلمى »ئىزلىنىشلىرى
6- «ئۇيغۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلىمى» نىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى
7- ئۇيغۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيتى>>قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەكلىپ
8-«ئۇيغۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق تور بىكىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۇچۇر
9-«ئسلام دىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەت»ھەققىدە
10-ئەركىن سىدىقنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ۋە باشقىلار

1-توختىلىش سەۋەبى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى نادىر تىمىلاردىن نەزىرىنى ئۈزمەي كىلىۋاتقان بارلىق تورداش قىرىنداشلار!
يىقىندىن بىرى مەزكۇر مۇنبەردە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى يازمىلىرى ۋە ئنكاسلار دوسىتلىرىم ئارقىلىق ماڭا يىتىپ تىما يوللاشقا تۈرتكە بولدى!چۈنكى مەسىلە ئومۇمىيلىققا ياتىدىغان چوڭ تىمىغا باغلىنىپتۇ!!!
ئوخشىمىغان كەچۇرمىش ۋەئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىمىغان يەكۈنگە سەۋەب بولىدۇ .گەرچە مەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن سانالمىساممۇ ئەمما مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە يىزىلغان بىر قىسم ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت توغىرسىدا قسمەن چۇشەنچىگە ئىگە بولغانمەن،ھازىرغىچە بولغان تۇرمۇش يولۇمدا ئۇچرىغان بەزى تالاپەتلەردىن ھىچ بولمىسا قانداق ئشلارنى، قانداق ئۇسۇلدا قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دەل ئەكسى بولغان «مەغلۇبىيەت» كە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدەتەپسىلى توختىلالايمەن.
2004-يىلى تەڭرىتاغ ژۇرناللار نەشىرياتى باش مۇھەرىرى پولات ھىۋزۇللانىڭ تەكلىۋى بىلەن «ئنگىلىز تىلى ۋە ياشلىرىمىز» دىگەن تېمىدا ئىنگىلىز تىلى ئارقىلىق ئۇتۇق قازىنىش يوللىرى ، نۆۋەتتىكى تىل تەربىيلەش ئەھۋالى ۋە ئنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياشلار ھەققىدە بىلەن تەپسىلى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر پارچە ماقالە يازغان، مەزكۇر ماقالەشۇ ژۇرنالنىڭ شۇ يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن «ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق» دىگەن تىمىدا يەنە بىر پارچە چوڭ ھەجىمدە ئەسەر تەييارلاپ سۇنغان ئىدىم.ئەپسۇس ماقالىنى تەھرىرگە بىرىش ئالدىدا مەن ئىككى يىللىق مەجبۇرى تەلىم-تەربىيەگە ھەيدەلدىم. شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ژۇرنىلىدىن ئسلامجان شىرىپ ئۇيۇشتۇرغان، ئامرىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتشۇناس، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» قاتارلىق بازارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى ئوگ ماندىنونىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرى «تىرە پۈتۈك » نى تەرجىمە قىلىشقا قاتىنىشپ، مەن تەرجىمە قىلغان 2 بۆلۈم 2004 –يىللىق سانلىرىدا (5-6-سانلىرى بولسا كىرەك،بۇ ژۇرناللار ھازىر مەندە يوق،ئسىمدە قالماپتۇ) ئىلان قىلىنغان ئىدى.بۇلار مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىم ئىنگلىز تىلى ساھەسىدىكى ئىلمى ئىزلىنىشلىرىمدىن باشقا تىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئۇرۇنۇشلۇرۇم ئىدى.يەنى«مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق» ھەققىدىكى ئىلمى ئۇرۇنۇشلۇرۇم ئىدى. ئەسكەرتىش:بۇ ماقالىلەر «تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر» دىگەن ئىسمدا ئىلان قىلىنغان،ھازىر فامىلەمنى ئەلبىدارغا ئۆزگەرتتىم .
ئەلۋەتتە ھىچكىم مەغلۇبىيەتكە يىتشىنى خالىمايدۇ (ئەمەلىيەتتە، ئاممىباب ۋە ئازادە تەلەپپۇزدا ئيتساق، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىنىقلىمىسى=مەغلۇب بولماسلىق، تەڭلىمىسى=مەغلۇب بولىدىغان ئشلارنى قىلماسلىق) . مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولغان ئادەم –مەغلۇب بولىدىغان ئشنى قىلىشتىن ساقلىنالىسا، شۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇۋەپپەقىيەت كە ئىلىپ بارىدۇ. لوگىكا بويىچە ئىيتساق ،«ئەمەس دىگەنلىك- شۇ دىگەنلىكنىڭ ئەكسىدۇر». ئەمما دىمەكچى بولغىنىم باشقا گەپ!

0 [ئىنكاس بار]: